ئاساسىي مەزمۇنغا ئۆتۈش

love

ئەيسا كىم، ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟

ئەيسا كىم؟

ئىنسانمۇ؟ پەيغەمبەرمۇ؟ خۇدانىڭ ئوغلىمۇ، ياكى خۇدانىڭ ئۆزىمۇ؟ ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئالاھىدە بىر نەرسە بارمۇ؟

ئۇ قۇرۇلۇشچىلار نەزەردىن ساقىت قىلغان، تەۋرات ئالىملىرى رەت قىلغان، ئىنسانىيەتنى پۇتلاشتۇرغان بۇ تاش ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەر يۈزىدە ئۆتكەن ئەڭ داڭلىق ئادەمگە ئايلاندى. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە تەلىماتى ئىنسانىيەتنى ئىبراھىمىي ئۈچ چوڭ دىنغا بۆلدى.

ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىدا نېمە شۇنچە ئالاھىدە؟ بۇ قانداق يۈز بەردى ۋە نېمە ئۈچۈن؟ كېلىڭ، بىلىپ باقايلى.

«دۈشمەنلىرىڭنى سۆيگىن» دېگەن نېمە دېگەنلىك؟

مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلىدىغان بۇيرۇق

بىز قوشنىلىرىمىزنى، ئائىلىمىزدىكىلەرنى ۋە دوستلىرىمىزنى سۆيەلەيمىز. لېكىن دۈشمەننى سۆيۈش دېگەن نېمە؟ ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟