«دۈشمەنلىرىڭلارنى سۆيۈڭلار» دېگەن نېمە مەنىدە؟
بىز قوشنىمىزنى، ئائىلىمىز ۋە دوستلىرىمىزنى سۆيەلەيمىز. لېكىن دۈشمىنىمىزنى سۆيۈش دېگەن نېمە؟ بىز راستتىنلا شۇنداق قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە دۈشمەنلىك بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، سىلەردىن نەپرەتلەنگەنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار.( ماتتا 5:44 )
بۇ نەزەرىيە جەھەتتىنلا ئۇنچە ئاسان ئاڭلانمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئىمكانسىزدەك كۆرۈنىدۇ. ئۇ راستتىنلا زۆرۈرمۇ؟…
ئەيسانىڭ بۇنى قانداق چۈشەندۈرگەنلىكىگە قاراپ باقايلى.
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە دۈشمەنلىك بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، سىلەردىن نەپرەتلەنگەنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ قۇياشىنىڭ نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ ۋە يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ، يامغۇرنىمۇ ھەققانىيلارغىمۇ، ھەققانىيەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا مۇھەببەت كۆرسەتكەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ قانداقمۇ ئىنئامغا ئېرىشكۈچىلىكى بولسۇن؟ ھەتتا باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟ ئەگەر سىلەر پەقەت قېرىنداشلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ نېمە پەزىلىتى بار؟ ھەتتا يات ئەللىكلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مۇكەممەل بولۇڭلار.( ماتتا 5:44-48 )
دەرۋەقە، ئەتراپىمىزغا قارىساق، ھەممە ئادەمنىڭ قۇياش نۇرى، يامغۇر ۋە نەپەس ئالىدىغان ساپ ھاۋادىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بىزمۇ، دۈشمەنلىرىمىزمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەنزىرىلەر ۋە ھەيۋەتلىك ھايۋانلار بىلەن تولغان بۇ ئاجايىپ دۇنياغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇق…
تېخىمۇ چوڭقۇر قارىساق، دۈشمەنلىرىمىزنىڭمۇ بىزگە ئوخشاش ئانىسى ۋە ئاتىسى بارلىقىنى كۆرىمىز، ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى تونۇسۇن ياكى تونۇمىسۇن. بەلكىم ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ ئۇلارنى بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز بىزنى سۆيگەندەك سۆيگەندۇ.
تۆۋەندە ئارتۇر كونان دويلنىڭ شېرلوك خولمېس ھەققىدىكى بىر كىتابىدىن نەقىل بار. ئۇنىڭدا بىر ئاچا ئۆلتۈرۈلگەن ئىنىسى ئۈچۈن ماتەم تۇتىدۇ، ئۇ ئىنىسى بولسا مەملىكەتتىكى ئەڭ خەتەرلىك جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى ئىدى...
«پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن ئۇ زوراۋان ئادەم، يېرىمى ھايۋان، يېرىمى جىن ئىدى؛ لېكىن ئاچىسى ئۈچۈن ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ قىزلىق چاغلىرىدىكى ئاشۇ كىچىك، تەرسا بالا، ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىۋالىدىغان ئاشۇ كىچىك بالا بولۇپ قالغانىدى.»
دۈشمىنىمىز ئەمەلىيەتتە بىز سۆيىدىغان بىرسى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ بىز ھازىر دۈشمەن دەپ ئاتايدىغان ئادەمگە قانداق قىلىپ يېڭى ھايات پۈۋلىگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ: ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۇرغاندا ئۇنىڭ غېمىنى يېگەن، كېيىن ئۇنى دۇنياغا كەلتۈرگەن، بۇ يىللار جەريانىدا ئۇنى كىيىم-كېچەك، يەيدىغان يېمەكلىك ۋە ئىچىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلىگەن… ھازىر ئۇ يىتىپ كەتكەن بالىسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى، ئۇنىڭ قايتىدىن كۈلۈمسىرىشىنى ۋە ئاسماندىكى ئاتىسىنى قايتىدىن «دادا!...» دەپ چاقىرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. خۇدا ئۇنى بىزنى سۆيگىنىدەك سۆيىدۇ.
داۋۇتنىڭ ئۆزىنى توختىماي قوغلاپ، ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنى سائۇلنىڭ جېنىنى قانداق ئايىغانلىقىنى ئەسلەپ باقايلى.
ئۇ يولنىڭ يېنىدىكى قوي قوتانلىرىغا كەلگەندە، شۇ يەردە بىر غار بار ئىدى. ئۇ تەرەت قىلىش ئۈچۈن غارغا كىردى؛ داۋۇت بىلەن ئادەملىرى غارنىڭ ئىچكىرىسىدە ئولتۇراتتى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا: ــ ئۆز دۈشمىنىڭنى سېنىڭ قولۇڭغا بېرىمەن، نېمە ساڭا لايىق كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، دېگەن كۈنى دەل مۇشۇ كۈن ئىكەن، دېدى. داۋۇت قوپۇپ سائۇلنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇيدۇرماي كېسىۋالدى. لېكىن سائۇلنىڭ تونىنىڭ پېشىنى كەسكىنى ئۈچۈن داۋۇت كۆڭلىدە قاتتىق ئەپسۇسلاندى. ئۇ ئۆز ئادەملىرىگە: ــ پەرۋەردىگار مېنى پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغان غوجامغا بۇنداق قولۇمنى ئۇزارتىشتىن ساقلىسۇن، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىدۇر، دېدى.( سامۇئىل «1» 24:3-6 )
داۋۇتنىڭ بۇ ھەقتە سائۇلغا ئېيتقان سۆزلىرى مانا بۇ:
پەرۋەردىگار مەن بىلەن سىلىنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم قىلسۇن، مېنىڭ ھېسابىمنى سىلىدىن پەرۋەردىگار ئالسۇن؛ لېكىن مېنىڭ قولۇم سىلىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ. كونىلار: ــ «رەزىللىك رەزىللەردىن چىقىدۇ» دەپ ئېيتقانىكەن، لېكىن ئۆز قولۇم سىلىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ.( سامۇئىل «1» 24:12-13 )
دۈشمەنلىرىمىزنى قانداق سۆيۈشنىڭ يەنە بىر مىسالى ئەيسانىڭ ئۆزىدۇر. ئەيسانىڭ ئۆزىنى خورلىغان ۋە كرېستكە مىخلىغانلار ھەققىدە نېمە دېگەنلىكىگە قاراپ باقايلى.
ئەيسا: ــ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، ــ دېدى. لەشكەرلەر چەك تاشلاپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.( لۇقا 23:34 )
مانا بۇلار ئىستىفاننىڭ چالما-كېسەك قىلىنىپ جان ئۈزۈۋاتقاندىكى سۆزلىرى.
ئىستىپاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر يۈرىكىگە خەنجەر سانجىلغاندەك بولۇپ، ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى. لېكىن ئۇ بولسا مۇقەددەس روھقا تولغان، كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ جۇلاسىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئەيسانىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ــ قاراڭلار! ئاسمانلار ئېچىلىپ، ئىنسانئوغلىنىڭ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن! ــ دېدى. ئۇلار بۇنىڭغا قۇلاقلىرىنى قوللىرى بىلەن ئېتىۋېلىپ، ئاۋازىنى قاتتىق كۆتۈرۈپ ۋارقىرىشىپ بىرلىكتە ئۇنىڭغا يوپۇرۇلۇپ كېلىۋىدى، ئۇنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىپ چىقىرىپ، چالما-كېسەك قىلىشقا باشلىدى. ئۇنى ئەرز قىلغان گۇۋاھچىلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشتىن ئاۋۋال چاپانلىرىنى سائۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ پۇتى ئالدىدا قويۇپ قويۇشتى. ئۇلار ئىستىپاننى چالما-كېسەك قىلغىنىدا ئۇ: ــ ئى رەب ئەيسا، مېنىڭ روھىمنى قوبۇل قىلغايسەن! ــ دەپ نىدا قىلدى. ئاندىن ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ــ ئى رەب، بۇ گۇناھنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالمىغايسەن، ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزۈپ ئۇخلاپ كەتتى.( روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7:54-60 )
بۇنداق ۋەقەنى ئوقۇغاندا، بىز ئۆزىمىزنى يەھۇدىي يېتەكچىلىرى بىلەن باغلىمايمىز. لېكىن بىزنى پاش قىلىپ ئەيىبلەۋاتقان خۇدانىڭ گۇناھسىز بىر ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلار ئەمەلىيەتتە بىز بولساقچۇ؟… بىز گۇناھسىز ئەمەسمىز، بىزگە قارشى كۆتۈرۈلگەن ئاۋازمۇ سەۋەبسىز كۆتۈرۈلمىگەن.
يەھۇدىي يېتەكچىلىرىنىڭ ئىستىفاننى چالما-كېسەك قىلىۋاتقانلىقىنى ئوقۇغاندا، ئۇلارغا قارىتا قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭىز؟ ئاچچىق، غەزەپمۇ؟… ئۇلارغا شەپقەت ھېس قىلىشچۇ؟ ئۇلار ھەققانىي بولۇشقا ۋە تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشاتتى، ئۆزلىرى توغرا قىلالمىغان ئىشلاردا پاش قىلىنىشنى يامان كۆرەتتى. نۇرغۇن جەھەتلەردە بىز ئۇلارغا ئوخشايمىز، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىغا قارىماي ئۇلارنى سۆيەيلى. خۇدا دۈشمەنلىرىمىزنى سۆيگەندەك، بىزمۇ ئۇلارنى سۆيۈشكە تىرىشايلى.
مۇھەببەت سەۋر-تاقەتلىك بولۇش ھەم مېھرىبانلىقتۇر؛ مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ: مۇھەببەت ئۆزىنى ماختىمايدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ، نومۇسسىزلىق قىلمايدۇ، ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يۈرمەيدۇ، تېرىكتۈرۈلمەيدۇ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلىمايدۇ؛ ھەققانىيسىزلىقتىن خۇشال بولمايدۇ، بەلكى ئەمەلىيەتتىن، ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ؛ ھەممە ئىشتا قورسىقى كەڭلىك قىلىدۇ، ھەممىگە يۈزلىنىپ خۇداغا ئىشىنىدۇ، ھەممە ئىشقا ئۈمىد باغلايدۇ، ھەممىگە چىدايدۇ.( كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 13:4-7 )