ئاساسىي مەزمۇنغا ئۆتۈش

ئۆزۈمنى يولدىن ئازغان، سۇنۇق ھېس قىلىمەن...

Person walking

«مەن ئۆزۈمنى يولدىن ئازغان، ئۈمىدسىز، سۇنۇق ۋە يالغۇز ھېس قىلىمەن. بۇ مەنىسىز ھايات بىلەن يالغۇز ئېلىشىۋاتىمەن، ھېچكىم مەندىن خەۋەر ئالمايدۇ.» - بەزىدە بىز شۇنداق ھېس قىلىمىز.

يۈكۈڭنى پەرۋەردىگارغا تاشلاپ قوي، ئۇ سېنى يۆلەيدۇ؛ ئۇ ھەققانىيلارنى ھەرگىز تەۋرەتمەيدۇ.
( زەبۇر 55:22 )
|ק| پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ.
( زەبۇر 34:18 )

ئالدى بىلەن، سىز يالغۇز ئەمەس. يەر ۋە ئاسماننى ياراتقان خۇدايىمىز ھازىر سىزگە يېقىن. سىزنى بۇ تور بېتىگە ئېلىپ كەلگۈچىمۇ ئۇ. بۇ دۇنيادا تاسادىپىيلىق يوق، خۇدانىڭ غەمخورلۇقىسىز ھېچ ئىش يۈز بەرمەيدۇ.

ئىككى قۇشقاچنى بىر تىيىنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇغۇ؟ لېكىن ئۇلاردىن بىرىمۇ ئاتاڭلارسىز يەرگە چۈشمەيدۇ.
( ماتتا 10:29 )

قەلبىڭىزنى خۇدايىڭىز رەبنىڭ ئالدىدا ئېچىڭ، قورقماڭ.

ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن ھەممىڭلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمنى كىيىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن مۆمىن ۋە كەمتەرمەن؛ شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. چۈنكى مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، مېنىڭ ئارتىدىغان يۈكۈم يېنىكتۇر.
( ماتتا 11:28-30 )
ــ قورقما؛ چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن؛ ئۇيان-بۇيان قاراپ ھودۇقماڭلار؛ چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن؛ مەن سېنى كۈچەيتىمەن، بەرھەق، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن! بەرھەق، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەققانىيلىقىمنى بىلدۈرگۈچى ئوڭ قولۇم بىلەن سېنى يۆلەيمەن.
( يەشايا 41:10 )

سىز ھېس قىلىۋاتقان ئازاب، سىز دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ئەمدى سىزنىڭ قىيىنچىلىقىڭىز ئەمەس. ئەمدى ئۇلار خۇدايىڭىز رەبنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدۇر.

يۈكۈڭنى پەرۋەردىگارغا تاشلاپ قوي، ئۇ سېنى يۆلەيدۇ؛ ئۇ ھەققانىيلارنى ھەرگىز تەۋرەتمەيدۇ.
( زەبۇر 55:22 )
بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويۇڭلار. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ غېمىڭلارنى قىلىدۇ.
( پېترۇس «1» 5:7 )

ئەمدى قەلبىڭىزنى ئېلىڭ. سىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن ئاشۇ قەلبنى رەبكە تاپشۇرۇڭ.

مەن سىلەرگە يېڭى قەلب بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھ سالىمەن؛ تېنىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، مېھرلىك بىر قەلبنى ئاتا قىلىمەن. مېنىڭ روھىمنى ئىچىڭلارغا كىرگۈزۈپ، سىلەرنى ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە ماڭغۇزىمەن، ھۆكۈملىرىمنى تۇتقۇزىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلىسىلەر؛
( ئەزاكىيال 36:26-27 )

سىز ئالغان روھ بۇرۇنقى سىزنىڭ روھى ئەمەس، قورقۇنچنىڭ روھى ئەمەس.

چۈنكى خۇدا بىزگە قورقۇنچاقلىقنىڭ روھىنى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇدرەتنىڭ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ۋە سالماقلىقنىڭ روھىنى تەقدىم قىلدى.
( تىموتىيغا «2» 1:7 )

ئىچىڭىزدىكى روھنى، يېڭى سىزنى ھېس قىلىڭ.

ئەمدى ئۈمىدنىڭ ئىگىسى خۇدا ئۆزىگە ئىشىنىۋاتقانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى تولۇق شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-خاتىرجەملىككە تولدۇرغاي، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر. پاۋلۇسنىڭ روسۇللۇق خىزمىتى توغرىسىدا
( رىملىقلارغا 15:13 )

بۇ روھ ۋاقىتلىق ئەمەس، ئۇ پەقەت بۈگۈن ئۈچۈنلا ئەمەس...

پەلەك بولسۇن ھاڭ بولسۇن، شۇنداقلا پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان ھەرقانداق باشقا بىر شەيئى بولسۇن، بىزنى رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ھېچقاچان ئايرىۋەتكۈچى بولالمايدۇ.
( رىملىقلارغا 8:39 )

ئەمدى كونا ھاياتىڭىزنى تاشلاپ، بىردىنبىر نىجاتكارىمىز، تىرىك خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە ئەگىشىڭ.

شۇڭا ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ: ــ دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ، ــ دېدى.
( يۇھاننا 8:12 )