christianity
ئەيسا كىم، ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟
ئەيسا كىم؟
ئىنسانمۇ؟ پەيغەمبەرمۇ؟ خۇدانىڭ ئوغلىمۇ، ياكى خۇدانىڭ ئۆزىمۇ؟ ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئالاھىدە بىر نەرسە بارمۇ؟
ئۇ قۇرۇلۇشچىلار نەزەردىن ساقىت قىلغان، تەۋرات ئالىملىرى رەت قىلغان، ئىنسانىيەتنى پۇتلاشتۇرغان بۇ تاش ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەر يۈزىدە ئۆتكەن ئەڭ داڭلىق ئادەمگە ئايلاندى. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە تەلىماتى ئىنسانىيەتنى ئىبراھىمىي ئۈچ چوڭ دىنغا بۆلدى.
ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىدا نېمە شۇنچە ئالاھىدە؟ بۇ قانداق يۈز بەردى ۋە نېمە ئۈچۈن؟ كېلىڭ، بىلىپ باقايلى.
«دۈشمەنلىرىڭنى سۆيگىن» دېگەن نېمە دېگەنلىك؟
مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلىدىغان بۇيرۇق
بىز قوشنىلىرىمىزنى، ئائىلىمىزدىكىلەرنى ۋە دوستلىرىمىزنى سۆيەلەيمىز. لېكىن دۈشمەننى سۆيۈش دېگەن نېمە؟ ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟
ياقۇپ خۇدا بىلەن كېلىشىپ غەلىبە قىلدى. بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟
ياقۇپ ئاكىسى ئەساۋ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا، كېچىچە خۇدا بىلەن چېلىشتى، تاڭ سەھەردە ئۇنىڭغا غەلىبە قىلغانلىقى ئېيتىلدى. بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئاددىي بىر ئىنسان خۇداغا قانداقمۇ غالىب كېلەلىسۇن؟
دەريا بويىدىكى كېچە
ياقۇپ يىگىرمە يىل يىراقتا بولغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئەسلىدە ئەساۋ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆيدىن ئايرىلغانىدى. ئەمدى ئۇ ئەساۋنىڭ بىر قوشۇن بىلەن ئۆزىنى كۈتۈۋېلىشقا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى:
بىز خۇداغا قانداق ئەگىشىمىز؟ خۇدا بىزنىڭ قانداق ياشىشىمىزنى خالايدۇ؟
ھاياتىمىزدا، يېشىمىز چوڭايغانسېرى، قانداق توغرا ياشاش، قانداق توغرا ئىش قىلىش، بەختنى ۋە ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى نەدىن ئىزدەش ھەققىدە دائىم ئويلىنىمىز. بىز قىممەت باھالىق نەرسىلەردىنمۇ، ئۆز مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزدىنمۇ قانائەت تاپالمايمىز…
بىز ئەيسانىڭ ھاياتىمىزنى قۇتقۇزىدىغانلىقىھەققىدە ئاڭلىغان. بۇ يېتەرلىكمۇ ياكى بىز ئۆزىمىزمۇ بىرەر ئىش قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟
نېمە ئۈچۈن خرىستىيان چېركاۋلىرى بۇنچە كۆپ؟
دۇنيادا ھەر بىرىنىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىلىرى، مۇراسىملىرى ۋە ئېتىقادلىرى بار نۇرغۇن چېركاۋلار بار. بىز قايسىسىغا قوشۇلۇشىمىز كېرەك؟
كاتولىك، پراۋوسلاۋىيە، باپتىست، لۇتېران، مېتودىست، پرېسبىتېرىيان... ئونلىغان چوڭ خرىستىيان مەزھەپلىرى بار، نۇرغۇن چېركاۋلار مۇراسىم ۋە ئېتىقادتىكى پەرقلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆزىنى باشقا چېركاۋلاردىن ئايرىۋالىدۇ.
ھەر كىم ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان چېركاۋغا قوشۇلالىشى ئۈچۈن ئوخشىمىغان چېركاۋلارنىڭ بولۇشى خرىستىيانلىق ئۈچۈن ياخشىمۇ؟
خرىستىيانلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشلەر ئەلچى پاۋلۇسنىڭ دەۋرىدىلا باشلانغان. ئۇ كورىنت شەھىرىدىكى چېركاۋغا مۇنداق يازغان.
ۋابا كېسىلىگە خىرىستىيانچە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟
كونترول قىلغىلى بولمايدىغان بىر ۋىرۇس بۈيۈك بوراندەك قىتئەلەرنى كېزىپ، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە يۇقۇۋاتىدۇ. ئۇ بەزىلىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى، سۆيگەن كىشىلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى تارتىۋالماقتا. داۋالاش چارىسى يوق بىر ۋىرۇس ئالدىدا ئۆزىمىزنى ئامالسىز ھېس قىلىمىز. گويا قاتتىق بوراندا كىچىك بىر كېمىدە لەيلەپ يۈرگەندەك ھېس قىلىمىز.