مەن نىجات تاپتىممۇ؟
كىشىلەردىن دائىم «نىجات تاپتىڭمۇ؟» دەپ سورىلىدۇ، ياكى ئۇلار ئۆز نىجاتى ھەققىدە ئەنسىرەيدۇ ياكى ئۆلۈمدىن قورقىدۇ.
دەسلەپتە خۇدا بىزنى ئەدەن باغچىسىدا ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشىمىز ئۈچۈن ياراتقان. لېكىن ھاۋا بىلەن ئادەم مەنئى قىلىنغان مېۋىنى يەپ، ھاياتىمىزغا گۇناھنى ئېلىپ كىردى. گۇناھ بولسا بىزنى خۇدادىن ئايرىۋېتىدۇ. خۇداسىز ھايات يوق. گۇناھ ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ…
بىراق سىلەرنىڭ قەبىھلىكىڭلار سىلەرنى خۇدايىڭلاردىن يىراقلاشتۇردى، گۇناھىڭلار ئۇنىڭ يۈزىنى سىلەردىن قاچۇرۇپ تىلىكىڭلارنى ئۇنىڭغا ئاڭلاتقۇزمىدى.( يەشايا 59:2 )
ئۆلۈمدىكى نەشتەر ــ گۇناھتۇر، گۇناھنىڭ كۈچى بولسا، تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ.( كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 15:56 )
ئۇنداقتا گۇناھ قىلمايدىغانلارچۇ؟
ئەگەر گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ھەمدە بىزدە ھەقىقەت تۇرمايدۇ.( يۇھاننا «1» 1:8 )
بەرھەق، يەر يۈزىدە دائىم مېھرىبانلىق يۈرگۈزىدىغان، گۇناھ سادىر قىلمايدىغان ھەققانىي ئادەم يوقتۇر.( ھېكمەت توپلىغۇچى 7:20 )
خۇدادىن ئايرىلىش دېگەن نېمە؟
گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى ئۆلىدۇ. ئوغۇل ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ، ۋە ياكى ئاتا ئوغلىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ؛ ھەققانىي كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ، رەزىل كىشىنىڭ رەزىللىكى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ؛( ئەزاكىيال 18:20 )
خۇدا نۇردۇر، خۇدا مۇھەببەتتۇر، خۇدا ھاياتتۇر. خۇدادىن ئايرىلىش ھاياتتىن ئايرىلىش دېمەكتۇر. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن كۆرەلەيمىز.
ئۇنىڭدا ھاياتلىق بار ئىدى ۋە شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى. ۋە نۇر قاراڭغۇلۇقتا پارلايدۇ ۋە قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس.( يۇھاننا 1:4-5 )
ۋە بىز ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە بايان قىلىدىغان خەۋىرىمىز مانا شۇدۇركى، خۇدا نۇردۇر ۋە ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ.( يۇھاننا «1» 1:5 )
تەڭرىنىڭ روھى مېنى ياراتقان؛ ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى مېنى جانلاندۇرىدۇ.( ئايۇپ 33:4 )
بىز بولساق خۇدانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يەتتۇق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىشەندۇق. خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەتتە ياشىغۇچى كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ.( يۇھاننا «1» 4:16 )
قانداق قىلىپ خۇدا بىلەن قايتا بىرلىشىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيمىز؟
ئەگەر خۇدا ئەرشتە، بىز يەر يۈزىدە بولساق، خۇداغا يېتىپ ئۇنىڭ بىلەن قايتا بىرلىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
ئۆزى ئەرشتە بولۇپ، ئەرشتىن چۈشكۈچىدىن، يەنى ئىنسانئوغلىدىن باشقا ھېچكىم ئەرشكە چىقمىدى.( يۇھاننا 3:13 )
ئۈستۈندىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. زېمىندىن كەلگۈچى زېمىنغا تەۋە بولۇپ زېمىندىكى ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. ئەرشتىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر؛ ئۆزىنىڭ ئەرشتە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى بولسا، ئۇ بۇلار توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ بىراق ھېچكىم ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى خۇدا ئەۋەتكىنى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى خۇدا روھنى ئۇنىڭغا ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس.( يۇھاننا 3:31-32,34 )
ئەيسا مەسىھ ئەرشتىن چۈشتى؛ ئۇ نىجات ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى گۇناھقا بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن دۇنياغا ئەۋەتتى.( يۇھاننا 3:16-17 )
ئۇنداقتا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پەقەت خۇدانىڭ ئوغلىغا ئىشىنىشىمىزلا كۇپايىمۇ؟ گەرچە گۇناھ قىلغان بولساقمۇ؟ بىز قانداق سوراققا تارتىلىمىز؟
كىمكى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى بولسا، گۇناھقا بېكىتىلمەيدۇ؛ لېكىن ئېتىقاد قىلمىغۇچى بولسا ئاللىقاچان گۇناھقا بېكىتىلگەندۇر؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلمىغان.( يۇھاننا 3:18 )
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.( يۇھاننا 5:24 )
ئاتىمىز خۇدا بىلەن قايتا بىرلىشىشنىڭ باشقا يوللىرى بارمۇ؟
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.( يۇھاننا 14:6 )
خۇداغا ۋە ئەيسا مەسىھكە ئىشىنىش دېگەن نېمە؟
ئەيسا مەسىھكە ئىشىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەققىدە پەقەت ئىسمىنىلا ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشىڭىز كېرەك. پۈتۈن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ياخشى، چۈنكى پۈتۈن ھېكايىنى بىلمەي تۇرۇپ ئېنىق مەنزىرىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. كونا ئەھدىدە مەسىھ ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى رولى ھەققىدە ئوقۇشىڭىز كېرەك. ئاندىن يېڭى ئەھدىدىكى ئەيسانىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەسىھ، يەنى مەسىھ قىلىنغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان-ئىشەنمەيدىغانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىز قارار قىلىڭ. باشلىشىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندە بىر قانچە ئايەت بار.
ئەيسا مەسىھ بىلەن خۇدانىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟
ئۇ بولسا كۆرۈنمەس خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازىدۇر، پۈتكۈل كائىناتتىكى تۇنجىدۇر؛ چۈنكى خۇدا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىنى ئۇنىڭدا تۇرغۇزۇشقا،( كولوسسىلىكلەرگە 1:15,19 )
چۈنكى خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى بولغان مەسىھنىڭ شان-شەرىپى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورۇمىسۇن دەپ، بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى.( كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 4:4 )
ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى بۇ ھەقتە نېمە دەيدۇ؟
ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى فىلىپ، سىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمغا شۇنچە ۋاقىت بولدى، مېنى تېخىچە تونۇمىدىڭمۇ؟ مېنى كۆرگەن كىشى ئاتىنى كۆرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سەن نېمىشقا يەنە: «بىزگە ئاتىنى كۆرسەتكەيسەن» دەيسەن؟( يۇھاننا 14:9 )
كىمكى مېنى كۆرگۈچى بولسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى كۆرگۈچى بولىدۇ.( يۇھاننا 12:45 )
ۋە ئەيسا ھەققىدە يەنە بىر قانچە ئايەت…
ئۇ خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن پارلىغان نۇر، ئۇنىڭ ئەينىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئۇ قۇدرەتلىك سۆز-كالامى بىلەن پۈتكۈل كائىناتتىكى مەۋجۇداتنى ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ گۇناھلارنى تازىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئەرشتىكى شانۇ-شەۋكەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.( ئىبرانىيلارغا 1:3 )
كالام ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ماكانلاشتى ۋە بىز ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە قارىدۇق؛ ئۇ شان-شەرەپ بولسا، ئاتىنىڭ يېنىدىن كەلگەن، مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭكىدۇر.( يۇھاننا 1:14 )
خۇلاسە
ئەمدى سىز نىجات ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ نەرسە بىلدىڭىز. لېكىن نىجات تاپقان-تاپمىغانلىقىڭىز ھەققىدە يەنىلا ئەنسىرىسىڭىز، تۆۋەندىكىلەرنى بىلىشىڭىز كېرەك.
چۈنكى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماقچى بولغان كىشى چوقۇم جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.( ماتتا 16:25 )
ئەمدى نىجات تېپىش توغرىسىدا ئەنسىرەشنىڭ ئورنىغا، خۇش خەۋەرنى، يەنى ئوغۇل ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان بولغان خۇدانىڭ ھەقىقىي سۈرىتىنى چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ. ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىڭ. قالغىنىنى ئەيسا ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن ئاۋۋال خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئىنتىلىڭلار. ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ.( ماتتا 6:33 )