ئاساسىي مەزمۇنغا ئۆتۈش

ۋابا كېسىلىگە خىرىستىيانچە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

Open old book

كونترول قىلغىلى بولمايدىغان بىر ۋىرۇس بۈيۈك بوراندەك قىتئەلەرنى كېزىپ، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە يۇقۇۋاتىدۇ. ئۇ بەزىلىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى، سۆيگەن كىشىلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى تارتىۋالماقتا. داۋالاش چارىسى يوق بىر ۋىرۇس ئالدىدا ئۆزىمىزنى ئامالسىز ھېس قىلىمىز. گويا قاتتىق بوراندا كىچىك بىر كېمىدە لەيلەپ يۈرگەندەك ھېس قىلىمىز.

ۋە مانا، ئەشەددىي قارا قۇيۇن چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىنى ئۇرۇپ، سۇ ھالقىپ كىرىپ، كېمىگە توشاي دەپ قالغانىدى. لېكىن ئۇ كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئۇلار ئۇنى ئويغىتىپ: ــ ئى ئۇستاز، ھالاك بولۇۋاتقىنىمىزغا كارىڭ يوقمۇ؟ ــ دېدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا تەنبىھ بېرىپ، دېڭىزغا: «تىنچلان! جىم بول!» دېۋىدى، بوران توختاپ، چوڭقۇر بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ــ نېمىشقا شۇنچە قورقىسىلەر؟ سىلەردە قانداقسىگە تېخىچە ئىشەنچ بولمايدۇ؟ ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.
( ماركۇس 4:37-40 )

ئىشەنچىمىزنى بۇ دۇنيادىكى تەجرىبىلىرىمىزگە ئاساسەن قۇرۇشىمىز تەبىئىي. ئىشلار بىز كۈتكەندەك بولسا، كۆڭلىمىز خاتىرجەم ۋە خۇشال بولىدۇ. كىچىككىنە بىر ئاۋارىچىلىك كەلسە، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە تىرىشىمىز. بىزگە راھەت تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەن سانائەت تەرەققىياتى ۋە نەرسىلەرنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، بارلىق كېسەللىكلەرگە ۋاكسىنا ياسايدىغان ئىلمىي كەشپىياتلار بىلەن ئىشەنچىمىز كۈچىيىۋاتىدۇ. بىراق ئىمانىمىزنىڭ ئۇلى ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى بىر ئىش يۈز بەرسىلا تېزلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. ئاتىمىز خۇدادىن ئالغان ۋەدىمىزگە قاراپ باقايلى.

پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىساڭ بۇ ھەممە بەخت-بەرىكەتلەر ساڭا ئەگىشىپ ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ: ــ سەن شەھەردە بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن، سەھرادىمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن. بالىياتقۇڭنىڭ مېۋىسى بىلەن يېرىڭنىڭ مېۋىسى، چارپايلىرىڭنىڭ مېۋىسى، يەنى كالاڭنىڭ نەسىللىرى ۋە قوي پادىلىرىڭ تۇغقىنى بولسا، بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ. سېۋىتىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ، تەڭنەڭمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ. سەن كىرسەڭمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن، چىقساڭمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن. ساڭا قارشى چىققان دۈشمەنلىرىڭنى پەرۋەردىگار ئالدىڭدا مەغلۇپ قىلىدۇ؛ ئۇلار بىر يول بىلەن ساڭا ھۇجۇمغا كېلىپ، يەتتە يول بىلەن ئالدىڭدىن قاچىدۇ. سېنىڭ ئامبارلىرىڭدا ۋە قولۇڭ بىلەن قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىڭدا پەرۋەردىگار ئۈستۈڭگە بەخت-بەرىكەت بۇيرۇيدۇ؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا ئۇ سېنى بەرىكەتلەيدۇ. پەرۋەردىگار سېنى ياشنىتىدۇ؛ ساڭا بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىندا سېنى ئۆز بەدىنىڭنىڭ مېۋىسى بىلەن چارپايلىرىڭنىڭ مېۋىسى ۋە يېرىڭنىڭ مېۋىسىنى مول ۋە بەركەتلىك قىلىدۇ. پەرۋەردىگار سېنىڭ زېمىنىڭغا ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر بېرىپ قوللىرىڭنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بەرىكەتلەش ئۈچۈن ئۆز خەزىنىسى بولغان ئاسماننى ساڭا ئاچىدۇ؛ ئۆزۈڭ ھېچ كىمدىن قەرز ئالمايسەن، بەلكى كۆپ ئەللەرگە قەرز بېرىسەن. پەرۋەردىگار سېنى قۇيرۇق ئەمەس، باش قىلىدۇ؛ سەن پەقەت ئۈستى بولۇپ، ئاستى بولمايسەن. ئەگەر مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ ئەمەل قىلساڭ،
( قانۇن‭ ‬شەرھى 28:2,3,4,5,6,7,8,11,12,13 )

بۇ ھاياتنى خۇداغا ۋە ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە تولۇق ئىتائەت قىلىپ ياشاش بىز ئۈچۈن تەبىئىي ئەمەس. ھاياتىمىز قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشى بىلەنلا، قايتا-قايتا رەزىل يوللىرىمىزغا ئەگىشىمىز...

مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ: «ھەربىرىڭلار ھازىر ئۆز رەزىل يولۇڭلاردىن يېنىپ، قىلمىشىڭلارنى تۈزىتىڭلار، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ چوقۇنماڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان زېمىندا تۇرۇۋېرىسىلەر» دەپ كەلگەنمەن؛ لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالماي ھېچ ئاڭلىمىغانسىلەر.
( يەرەمىيا 35:15 )

ئۆزىمىزنى قورقۇنچ ۋە ئىمانسىزلىق ئىچىدە كۆرىمىز. مىڭلىغان يىللاردىن بۇيان ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەر خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، ئۇنىڭ بەرىكەتلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ كەلدى. بىز خۇدانىڭ ئەمرلىرىنىڭ ئۇلىدىن مۇھەببەتنى قېقىۋېتىپ، ئۇلارغا پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈش ۋە رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا ئىتائەت قىلىدىغان قۇرۇق سۆزلەرنىلا قالدۇردۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى دەل ۋەدە قىلىنغاندەك قورقۇنچ ئىچىدىكى ھالەتكە ئېلىپ كەلدى…

سېنىڭ پەرۋەردىگارنى تاشلىغان رەزىل قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن ئۇ سەن يوق قىلىنغۇچە، تېزدىن ھالاك قىلىنغۇچە، قولۇڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىڭدا سېنىڭ ئۈستۈڭگە لەنەت، پاراكەندىلىك ۋە دەشنەم چۈشۈرىدۇ. پەرۋەردىگار سېنى سىل-ۋابا كېسىلى، كېزىك كېسىلى، ياللۇغلۇق كېسىلى ۋە بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ، قۇرغاقچىلىق، چاۋىرىش ئاپىتى ۋە ھال ئاپىتىگە مۇپتىلا قىلىدۇ. بۇ ئاپەتلەر سەن يوق قىلىنغۇچە سېنى قوغلايدۇ.
( قانۇن‭ ‬شەرھى 28:20,22 )

خۇدانىڭ غەزىپى ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق. لېكىن ئەرشتىكى ئاتىمىزنى شۇنداق رەھىمسىز ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەشكە ئالدىرىماستىن بۇرۇن، بىر ئادەمنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يۇقۇملانغان پۇتنى كېسىۋاتقان دوختۇرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقايلى. كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئىشلارغا دىققەت قىلىپ، خۇدايىمىزنىڭ مۇھەببىتىگە ۋە بىزنى قۇتقۇزۇش ئارزۇسىغا سەل قاراش بىز ئۈچۈن تەبىئىي. بالىمىز بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى ۋە دۈمبىسىگە تەگكەن ئاغرىقلىق شاپىلاقنى ئېسىدە ساقلايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىنى خەتەرلىك يارنىڭ لېۋىدىن يىقىلىپ چۈشۈشتىن قانداق قۇتقۇزغانلىقىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدۇ. پەقەت يەر يۈزىدىكى ئىشلارنىلا كۆرىدىغان بىز، خۇدانىڭ غەزىپى بىزنى نېمىدىن قۇتقۇزىدىغانلىقىنىمۇ كۆرمەيمىز.

خۇدا بىزنىڭ ئۇنىڭغا سادىقلىق بىلەن ئىتائەت قىلىشىمىزنى خالايدۇ. ئۇ بىزنىڭ كۆرگەنلىرىمىزدىن قورقماسلىقىمىزنى، بەلكى ئىمانىمىزدىن ئىشەنچ ھاسىل قىلىشىمىزنى خالايدۇ.

شۇڭا بىز كۆرۈنگەن ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەس ئىشلارغا كۆز تىكىمىز؛ چۈنكى كۆرۈنگەن ئىشلار ۋاقىتلىق، ئەمما كۆرۈنمەس ئىشلار مەڭگۈلۈكتۇر.
( كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 4:18 )

مەيلى ھاياتىڭىزنى يوقىتىش خەۋپىدە بولۇڭ، مەيلى سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى چېغىدا بولۇڭ، ئۆلۈم بېشىمىزغا كېلىدىغان ئەڭ يامان ئىش دەپ قارىلىدۇ. لېكىن راستىنلا شۇنداقمۇ؟ ئۆلۈم بىز بىر ئىنسان ھەققىدە كۆرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى نەرسە. ئۆلۈم بىز ئۈچۈن كۆرۈنمەيدىغان، نامەلۇم دۇنياغا ئىشىك ئاچىدۇ.

ھاياتىمىزدىكى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى نامەلۇملۇقنى يا قورقۇنچىمىز، يا ئىمانىمىز باشقۇرىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى قورقۇنچنىڭ قاراڭغۇلۇقى ياكى ئىماننىڭ نۇرى بىلەن ئوراپ تۇرالايمىز. بۇ يەر يۈزىدىكى ھاياتتا كۆرگىنىمىزدەك، ئىمانلىق كىشىلەر قىلغان ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. شۇڭا ئىماننىڭ ئىشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئۆلۈمدىن كېيىنكى يولنى يورۇتىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا ھېچقانداق سەۋەب يوق. ئۇ بۇ يەر يۈزىدىكى ھاياتتىن كۆپ ياخشى ھاياتقا ئېلىپ بارىدىغان يولدۇر.

چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر.
( يۇھاننا 3:16 )

ھازىر بىز ھايات. ھازىر ياشاۋاتقان ھەر بىر مىنۇت ئۈچۈن، كۆرەلەيدىغان، نەپەس ئالالايدىغان ۋە بۇ دۇنيادا ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدىغان قابىلىيىتىمىز ئۈچۈن خۇدايىمىزغا شۈكۈر ئېيتىمىز. بىز سۆيگەن كىشىلىرىمىزنى يەنىلا كۆرەلەيمىز ۋە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ بىز ئۈچۈن قانچىلىك قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمىز.

مۇھەببەت قورقۇنچنى يېڭىدۇ ۋە خۇدانىڭ سۈرىتىدە يارىتىلغان بىزنىڭ ئەسلىدە كىم ئىكەنلىكىمىزنى ئاشكارىلايدۇ. ئەيسا مەسىھ جىسمانىي ئۆلۈم ۋە تىرىلىشتىن ئۆتۈپ، ئۆلۈمنىڭ زەنجىرلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى ۋە بىزگە ئەمدى ئىچىمىزدە ياشىيالايدىغان كۆرۈنمەس ياردەمچى — مۇقەددەس روھنى ئېلىپ كەلدى.

ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتنىڭ روھىدۇر. ئۇنى بۇ دۇنيادىكىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى نە كۆرمەيدۇ، نە تونۇمايدۇ. بىراق سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم سىلەردە ماكان قىلىدۇ.
( يۇھاننا 14:17 )

بىز قوبۇل قىلغان روھ قورقۇنچنىڭ روھى ئەمەس، چۈنكى ئۇ بىزنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا يېتەكلەيدۇ.

چۈنكى خۇدا بىزگە قورقۇنچاقلىقنىڭ روھىنى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇدرەتنىڭ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ۋە سالماقلىقنىڭ روھىنى تەقدىم قىلدى.
( تىموتىيغا «2» 1:7 )

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، ئەگەر بىز قورقۇنچ ھېس قىلساق، ئۇ خۇدا بىزگە بەرگەن روھتىن ئەمەس. ئەگەر بىز قورقۇنچنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا ماڭساق، دېمەك بىز خۇدايىمىز رەببىمىزگە بولغان ئىماننىڭ نۇرىنى ئېلىپ كەلمىگەن بولىمىز.

شۇڭا ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ: ــ دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ، ــ دېدى.
( يۇھاننا 8:12 )

ئەمدى ۋابانىڭ دەل مەركىزىدە تۇرۇپ، سىز قايسىسىنى تاللايسىز — قورقۇنچنىمۇ ياكى ئىماننىمۇ؟ باشقىلار بۇ قورقۇنچلۇق دۇنيانىڭ قاراڭغۇلۇقىدا سىزگە قارىغاندا، سىزنىڭ نۇرىڭىزنى كۆرەلەمدۇ؟

بەرھەق، ئۇ قىلتاقچىنىڭ توزىقىدىن سېنى قۇتۇلدۇرىدۇ، شۇم بالا-قازادىن ھەم خالاس ئېتىدۇ. ئۇ پەيلىرى بىلەن سېنى ياپىدۇ؛ قاناتلىرى ئاستىدا پاناھ تاپىسەن؛ ئۇنىڭ ھەقىقىتى ساڭا قالقان ھەم ئىستىھكامدۇر. سەن نە كېچىدىكى ۋەھىمىدىن، نە كۈندۈزى ئۇچۇۋاتقان ئوقتىن، نە قاراڭغۇلۇقتا كەزگۈچى ۋابادىن، نە چۈش ۋاقتىدا ۋەيرانچىلىق قىلغۇچى ھالاكەتتىن قورقمايسەن. سېنىڭ يېنىڭدا مىڭى يىقىلىپ، ئوڭ يېقىڭدا ئون مىڭى غۇلاپ چۈشسىمۇ، لېكىن بالا-قازا ساڭا يېقىنلاشمايدۇ.
( زەبۇر 91:3-7 )
مانا ساڭا: ــ جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بول، دەپ بۇيرۇغانىدىمغۇ؟ شۇڭا ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمە، يۈرەكسىز بولما؛ چۈنكى قەيەرگە بارساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بىلەن بىرگىدۇر. يەشۇئانىڭ خەلقنى قانائانغا كىرىپ جەڭ قىلىشقا تەييارلىشى
( يەشۇئا 1:9 )

دۇنيايىمىزدا ھېچنېمە سەۋەبسىز يۈز بەرمەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ ۋابا بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟ بىز ئىنسان ھاياتىنى ھەقىقىي قەدىرلىيەلەمدۇق؟ ھەقىقىي دوستلۇقنى قەدىرلەپ، قولىمىزدىكى نەرسىلەر ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرەلەمدۇق؟ ئۇ ئىنستاگرامدىكى تېخىمۇ چىرايلىق رەسىم ۋە يۇتۇب سىنلىرىمىزغا تېخىمۇ كۆپ مۇشتەرى ئۈچۈن بولغان مەنىسىز مۇسابىقىگە خاتىمە بېرەمدۇ؟ پۇل ۋە ھوقۇق ئۈچۈن بولىدىغان ئۇرۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرامدۇ؟ كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئاسماننى قايتىدىن كۆك قىلامدۇ؟ ئاخىرىدا بىز كۆزىمىزدىكى پەردىنى ئېلىۋېتىپ، ئاتىمىز ياراتقان ھەقىقىي دۇنيانى كۆرەلەمدۇق؟

سىلەرگە خاتىرجەملىك قالدۇرىمەن، ئۆز خاتىرجەملىكىمنى سىلەرگە بېرىمەن؛ مېنىڭ سىلەرگە بەرگىنىم بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ بەرگىنىدەك ئەمەستۇر. كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار ۋە جۈرئەتسىز بولماڭلار.
( يۇھاننا 14:27 )