ھەممە ئىش ئالدىنئالا بېكىتىلگەنمۇ؟
ئىنسانىيەتكە ياكى ئۆز ھاياتىمىزغا كېلىدىغاندەك كۆرۈنگەن بالايىئاپەتلەر ھەققىدە ئوقۇغىنىمىزدا، ھېچ ئىش قىلغىلى بولمايدىغاندەك ئاجىزلىق ھېس قىلىش ئاسان. بىرىمىز ھاياتتىكى ھەممە ئىشنىڭ ئاللىبۇرۇن بېكىتىلگەنلىكىنى، ھېچقانداق تىرىشچانلىقنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى جىمجىتلا ئويلاپ قالىدۇ. لېكىن ئىش راستتىنلا شۇنداقمۇ؟
بىز خۇداغا قانداق ئەگىشىمىز؟ خۇدا بىزنىڭ قانداق ياشىشىمىزنى خالايدۇ؟
ھاياتىمىزدا، يېشىمىز چوڭايغانسېرى، قانداق توغرا ياشاش، قانداق توغرا ئىش قىلىش، بەختنى ۋە ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى نەدىن ئىزدەش ھەققىدە دائىم ئويلىنىمىز. بىز قىممەت باھالىق نەرسىلەردىنمۇ، ئۆز مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزدىنمۇ قانائەت تاپالمايمىز…
بىز ئەيسانىڭ ھاياتىمىزنى قۇتقۇزىدىغانلىقىھەققىدە ئاڭلىغان. بۇ يېتەرلىكمۇ ياكى بىز ئۆزىمىزمۇ بىرەر ئىش قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟
ئەيسا مەسىھمۇ؟
بىز ئەيسا ھەققىدە ۋە ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن كرېستتە ئۆلۈپ بىزنى قۇتقۇزغانلىقى ھەققىدە دائىم ئاڭلايمىز. ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەر قانداق كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.
ھاياتىمىزنى قۇتقۇزۇش – بۇ كۈتۈلگەن مەسىھنىڭ رولىدۇر... لېكىن ئەيسا ھەقىقىي مەسىھمۇ ياكى بىز باشقا بىرىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟
تاللانغۇچى، يەنى ھەممىمىزنى قۇتقۇزىدىغان زات ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنى بىز تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 8-ئەسىردە ياشاپ پەيغەمبەرلىك قىلغان يەشايا پەيغەمبەرنىڭ كىتابىدىن ئالىمىز. بۇ تەخمىنەن ئەيسا تۇغۇلۇشتىن 700 يىل ئىلگىرى ئىدى.
چەكلەنگەن مېۋە — نېمە ئۈچۈن ياخشى بىلەن ياماننى بىلىش بىز ئۈچۈن ئەمەس ئىدى؟
خۇدا نېمە ئۈچۈن ئادەم بىلەن ھاۋاغا ياخشى بىلەن يامانلىقنى بىلىشنى مەنئى قىلدى؟ بۇ ئەجەبلىنەرلىك تۇيۇلىدۇ، چۈنكى ھەتتا ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىمۇ ئۇلارغا مەنئى قىلىنمىغانىدى. خۇدا بۇ مېۋىنى يېيىشنى مەنئى قىلغاندا، ئۇنىڭ قانداق دەرەخ ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بەردى. خۇدا بىزنىڭ ياخشى بىلەن يامانلىقنى بىلىشنى بىز ئۈچۈن نىيەت قىلمىغانلىقىنى بىلىشىمىزنى خالىدى. نېمە ئۈچۈن؟
ۋابا كېسىلىگە خىرىستىيانچە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟
كونترول قىلغىلى بولمايدىغان بىر ۋىرۇس بۈيۈك بوراندەك قىتئەلەرنى كېزىپ، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە يۇقۇۋاتىدۇ. ئۇ بەزىلىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى، سۆيگەن كىشىلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى تارتىۋالماقتا. داۋالاش چارىسى يوق بىر ۋىرۇس ئالدىدا ئۆزىمىزنى ئامالسىز ھېس قىلىمىز. گويا قاتتىق بوراندا كىچىك بىر كېمىدە لەيلەپ يۈرگەندەك ھېس قىلىمىز.
مەن بۇ دۇنياغا ماسلىشالمايمەن
«نېمە قىلسام قىلاي، مەن يەنىلا يات ئادەم. كۈندىن-كۈنگە ھېچكىمنىڭ مېنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ ماڭا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلىۋاتىمەن. خىزمىتىدە ئۇچقاندەك ئۆرلىگەن، كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان ئائىلىلىرى ۋە ئۆزلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان خىزمەتداشلىرى بار كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزۈمنى بەختسىز ھېس قىلىمەن. مەن ماسلىشالمايدىغان بۇ دۇنيادا ئەتراپىمىزدىكى بۇ خۇشال چىرايلارغا ئەمدى چىدىيالمايمەن...» – بۇ تۇيغۇ سىزگە تونۇشتەك بىلىنەمدۇ؟
سىز يالغۇز ئەمەس. خۇددى سىزگە ئوخشاش مىليونلىغان كىشىلەر بار. ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەس.
قورقماڭ، چۈنكى خۇدا سىز بىلەن بىللە
بەزىدە بىز بىرەر نەرسىدىن قورقىمىز. ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرەرسىنى يوقىتىپ قويۇشتىن قورقۇش، ئۆلۈمدىن ياكى زىيانكەشلىكتىن قورقۇش، خىزمەتتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇش، پېنسىيەگە چىقىشتىن قورقۇش بولۇشى مۇمكىن... قورققان چېغىمىزدا نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ئۆزىمىز يالغۇز قورقۇنچقا قانداق قارشى تۇرالايمىز؟ مۇقەددەس كىتاب قورقۇنچ ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
ئۆزۈمنى يولدىن ئازغان، سۇنۇق ھېس قىلىمەن...
«مەن ئۆزۈمنى يولدىن ئازغان، ئۈمىدسىز، سۇنۇق ۋە يالغۇز ھېس قىلىمەن. بۇ مەنىسىز ھايات بىلەن يالغۇز ئېلىشىۋاتىمەن، ھېچكىم مەندىن خەۋەر ئالمايدۇ.» - بەزىدە بىز شۇنداق ھېس قىلىمىز.
نېمە ئۈچۈن خرىستىيان چېركاۋلىرى بۇنچە كۆپ؟
دۇنيادا ھەر بىرىنىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىلىرى، مۇراسىملىرى ۋە ئېتىقادلىرى بار نۇرغۇن چېركاۋلار بار. بىز قايسىسىغا قوشۇلۇشىمىز كېرەك؟
كاتولىك، پراۋوسلاۋىيە، باپتىست، لۇتېران، مېتودىست، پرېسبىتېرىيان... ئونلىغان چوڭ خرىستىيان مەزھەپلىرى بار، نۇرغۇن چېركاۋلار مۇراسىم ۋە ئېتىقادتىكى پەرقلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆزىنى باشقا چېركاۋلاردىن ئايرىۋالىدۇ.
ھەر كىم ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان چېركاۋغا قوشۇلالىشى ئۈچۈن ئوخشىمىغان چېركاۋلارنىڭ بولۇشى خرىستىيانلىق ئۈچۈن ياخشىمۇ؟
خرىستىيانلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشلەر ئەلچى پاۋلۇسنىڭ دەۋرىدىلا باشلانغان. ئۇ كورىنت شەھىرىدىكى چېركاۋغا مۇنداق يازغان.
مەن نىجات تاپتىممۇ؟
كىشىلەردىن دائىم «نىجات تاپتىڭمۇ؟» دەپ سورىلىدۇ، ياكى ئۇلار ئۆز نىجاتى ھەققىدە ئەنسىرەيدۇ ياكى ئۆلۈمدىن قورقىدۇ.
دەسلەپتە خۇدا بىزنى ئەدەن باغچىسىدا ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشىمىز ئۈچۈن ياراتقان. لېكىن ھاۋا بىلەن ئادەم مەنئى قىلىنغان مېۋىنى يەپ، ھاياتىمىزغا گۇناھنى ئېلىپ كىردى. گۇناھ بولسا بىزنى خۇدادىن ئايرىۋېتىدۇ. خۇداسىز ھايات يوق. گۇناھ ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ…